بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

90 - The City - Al-Balad

:1

بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەن.

:2

(ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر.

:3

ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ۋە (ئۇنىڭ ياخشى) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن.

:4

بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق.

:5

ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟

:6

ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ.

:7

ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟

:8

ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟[8ـ10]

:9

ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟[8ـ10]

:10

ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟[8ـ10]

:11

ئۇ داۋان ئاشمىدى.

:12

داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟

:13

(داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر،

:14

ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر[14ـ16].

:15

ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر[14ـ16].

:16

ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر[14ـ16].

:17

شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر.

:18

ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر.

:19

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر.

:20

ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ.