1 - The Opener - Al-Fātiĥah
:1
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
:2
جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
:3
ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.
:4
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.
:5
(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.
:6
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.
:7
غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن).