بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

91 - The Sun - Ash-Shams

:1

قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى،

:2

قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى،

:3

قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،

:4

قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،

:5

ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،

:6

زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،

:7

نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى[7ـ8]،

:8

نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى[7ـ8]،

:9

نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.

:10

نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.

:11

سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى.

:12

ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى.

:13

ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى.

:14

ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى.

:15

ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ.