بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

89 - The Dawn - Al-Fajr

:1

سۈبھى بىلەن،

:2

(زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن،

:3

قۇربانلىق كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن،

:4

(كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەرىكىتى بىلەن) ئۆتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى، (كاپىرلارغا چوقۇم ئازاب قىلىمىز)

:5

ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك)قەسەم بارمۇ؟.

:6

پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[6ـ7].

:7

پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[6ـ7].

:8

بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى.

:9

شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى.

:10

شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى.

:11

ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى.

:12

ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى.

:13

پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى.

:14

پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.

:15

پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ.

:16

پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ.

:17

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر.

:18

بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر.

:19

مىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر.

:20

مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر.

:21

(ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا.

:22

پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا.

:23

(گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن.

:24

ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»

:25

شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ.

:26

ھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ.

:27

ئى ئارام تاپقۇچى جان!

:28

سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن.

:29

سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن.

:30

مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن.