بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

88 - The Overwhelming - Al-Ghāshiyah

:1

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى.

:2

بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر.

:3

ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر.

:4

ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ.

:5

(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ.

:6

ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ.

:7

زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ.

:8

بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر.

:9

بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر.

:10

ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر.

:11

ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ.

:12

ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ.

:13

ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

:14

ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

:15

ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

:16

ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[13ـ16].

:17

ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى،

:18

ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى،

:19

تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى،

:20

زېمىن قانداق يېيىتىلدى.

:21

سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن.

:22

سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن.

:23

لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن،

:24

ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ.

:25

ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ.

:26

ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز.