بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

87 - The Most High - Al-'A`lá

:1

ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن.

:2

ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى.

:3

مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى.

:4

ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى.

:5

ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى.

:6

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7].

:7

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7].

:8

سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز.

:9

ۋەز ـ نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن.

:10

ئاللاھتىن (قورققان) ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ.

:11

ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ.

:12

ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ.

:13

ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ.

:14

(كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى.

:15

ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى.

:16

سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر.

:17

ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر.

:18

بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19].

:19

بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19].