بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

86 - The Nightcommer - Aţ-Ţāriq

:1

ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن.

:2

تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

:3

ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر.

:4

ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار.

:5

ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن.

:6

ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى.

:7

ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.

:8

شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر.

:9

سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)،

:10

ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر.

:11

يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى،

:12

يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى،

:13

قۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر،

:14

ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر.

:15

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ.

:16

مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن.

:17

(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن).