بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

85 - The Mansions of the Stars - Al-Burūj

:1

بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى[1ـ3]،

:2

بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى[1ـ3]،

:3

بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى[1ـ3]،

:4

ئورەكلەرنىڭ ئىگىللىرىگە لەنەت بولسۇن.4

:5

ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى.

:6

ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،

:7

ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،

:8

ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[8ـ9].

:9

ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[8ـ9].

:10

مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ.

:11

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر.

:12

پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر.

:13

ئاللاھ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ.

:14

ئاللاھ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر،

:15

ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر،

:16

خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر.

:17

(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟[17ـ18]

:18

(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟[17ـ18]

:19

(قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ.

:20

ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.

:21

بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر[21ـ22].

:22

بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر[21ـ22].