بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

84 - The Sundering - Al-'Inshiqāq

:1

ئاسمان يېرىلغان،

:2

پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا،

:3

زېمىن سوزۇلغان،

:4

قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان،

:5

پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ).

:6

ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن).

:7

نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ[7ـ8].

:8

نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ[7ـ8].

:9

(ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ.

:10

نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم

:11

«ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)،

:12

دوزاخقا كىرىدۇ.

:13

چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى..

:14

ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ گۇمان قىلدى.

:15

ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

:16

شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،

:17

شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،

:18

شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،

:19

سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر.

:20

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟

:21

ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟

:22

بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ.

:23

ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ.

:24

ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن.

:25

پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ.