بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

82 - The Cleaving - Al-'Infiţār

:1

ئاسمان يېرىلغان چاغدا،

:2

يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،

:3

دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،

:4

قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا،

:5

ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

:6

ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟

:7

ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى.

:8

سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى.

:9

ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر.

:10

ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار.

:11

ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ.

:12

ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.

:13

مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ،

:14

كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ.

:15

ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ.

:16

ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ.

:17

قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

:18

قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

:19

ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر.