بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

81 - The Overthrowing - At-Takwīr

:1

كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا،

:2

يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،

:3

تاغلار گۇمران بولغان چاغدا،

:4

بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،

:5

ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،

:6

دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا،

:7

جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا،

:8

تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،

:9

تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،

:10

نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا،

:11

ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا،

:12

دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،

:13

جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا،

:14

ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ.

:15

كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،

:16

كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،

:17

قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،

:18

يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن.

:19

قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر.

:20

ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر.

:21

پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر.

:22

سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر.

:23

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى.

:24

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر.

:25

ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر.

:26

قەيەرگە بارىسىلەر؟

:27

ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر.

:28

سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر.

:29

پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە.