بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

105 - The Elephant - Al-Fīl

:1

پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟

:2

ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟

:3

ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى.

:4

قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ،

:5

ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى.