بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

104 - The Traducer - Al-Humazah

:1

(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي!.

:2

ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى.

:3

ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ).

:4

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ.

:5

ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

:6

ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].

:7

ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].

:8

ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ.

:9

ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ.