99 - The Earthquake - Az-Zalzalah
:1
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە،
:2
زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا،
:3
ئىنسان ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە،
:4
بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ.
:5
(ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر.
:6
بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ.
:7
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.
:8
كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.