بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

97 - The Power - Al-Qadr

:1

بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق.

:2

شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟

:3

شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر.

:4

پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ.

:5

شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر.