بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

95 - The Fig - At-Tīn

:1

ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى،

:2

سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى،

:3

بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى،

:4

بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق.

:5

ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق.

:6

پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ.

:7

(ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟

:8

ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟