بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

93 - The Morning Hours - Ađ-Đuĥaá

:1

چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى،

:2

قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،

:3

(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق.

:4

ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر،

:5

پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن.

:6

ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟

:7

قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟

:8

سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟

:9

يېتىمنى خارلىما.

:10

سائىلغا قوپاللىق قىلما.

:11

پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ).