بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

79 - Those who drag forth - An-Nāzi`āt

:1

(كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

:2

(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

:3

(ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

:4

(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

:5

(ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ).

:6

بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ.

:7

ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ.

:8

بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ.

:9

شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ.

:10

ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)

:11

ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»

:12

ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)».

:13

بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ[13ـ14].

:14

بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ[13ـ14].

:15

ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟

:16

ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:

:17

«سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى.

:18

ئۇنىڭغا :<كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن>پاك بولۇشنى خالامسەن.18

:19

سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن ـ دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن».

:20

مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى.

:21

پىرئەۋن (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى.

:22

ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى.

:23

(ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ

:24

دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن».

:25

ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى.

:26

شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ.

:27

سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى.

:28

ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم ـ كۈتىسىز قىلدى.

:29

ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى.

:30

شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى.

:31

زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى.

:32

تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى.

:33

ئاللاھتائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى).

:34

قىيامەت كەلگەندە،

:35

(شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى ـ يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ.

:36

قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ.

:37

كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن،

:38

دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن،

:39

ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ.

:40

پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك،

:41

ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ.

:42

ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ.

:43

سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟

:44

ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر.

:45

سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

:46

ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ).