بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

77 - The Emissaries - Al-Mursalāt

:1

ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى،

:2

قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى،

:3

(بۇلۇتلارنى ئاللاھ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،

:4

(ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

:5

(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[5ـ6]،

:6

(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[5ـ6]،

:7

سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر.

:8

يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا.

:9

ئاسمان يېرىلغان چاغدا،

:10

تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا،

:11

پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ).

:12

(پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟

:13

خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى).

:14

ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟

:15

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:16

(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟

:17

ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق.

:18

گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز).

:19

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:20

سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟

:21

ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق[21ـ22].

:22

ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق[21ـ22].

:23

بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!

:24

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:25

زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟

:26

(يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟)

:27

بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق.

:28

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:29

(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار،

:30

(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەلىرى ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ).

:31

ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ.

:32

ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ.

:33

ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ.

:34

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:35

بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ.

:36

ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ.

:37

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:38

بۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز.

:39

ئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار.

:40

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:41

شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[41ـ42].

:42

شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[41ـ42].

:43

(ئۇلارغا) «دۇنيادا قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال ـ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).

:44

شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

:45

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:46

(كۇففارلارغا) «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» (دېيىلىدۇ).

:47

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:48

ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ.

:49

بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

:50

ئۇلار (شانلىق دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پاساھەت ـ بالاغەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟