بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

56 - The Inevitable - Al-Wāqi`ah

:1

قىيامەت قايىم بولغان چاغدا،

:2

ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ.

:3

زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].

:4

:5

:6

:7

سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر.

:8

(بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر.

:9

(ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر).

:10

(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر.

:11

ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر[11ـ12].

:12

:13

بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر،

:14

كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر[ـ14].

:15

ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ[15ـ16].

:16

:17

(قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ[17ـ18].

:18

:19

ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ.

:20

ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ[20ـ21].

:21

:22

ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ.

:23

بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.

:24

ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ[24ـ25].

:25

:26

سائادەتمەنلەرنىڭ (يەنى نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەرنىڭ) ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

:27

سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟

:28

ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28ـ34].

:29

:30

:31

:32

:33

:34

:35

شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق[35ـ37].

:36

:37

:38

بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر.

:39

بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر.

:40

كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر.

:41

بەختسىزلەر (يەنى نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟

:42

ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ[42ـ44].

:43

:44

:45

چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى.

:46

ئۇلار چوڭ گۇناھتا (يەنى كۇفرىدا) چىڭ تۇرغان ئىدى.

:47

ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى[47ـ48].

:48

:49

ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ[49ـ50].

:50

:51

ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!

:52

چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر.

:53

ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر.

:54

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»[54ـ55].

:55

:56

مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر.

:57

(ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟

:58

سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

:59

ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق؟

:60

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز[60ـ61].

:61

:62

شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە ئاللاھنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟

:63

سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

:64

ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟).

:65

ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار.

:66

سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)[66ـ67].

:67

:68

سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

:69

ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟

:70

ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟

:71

سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

:72

ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟

:73

ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق.

:74

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن.

:75

يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن.

:76

شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر.

:77

شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر.

:78

كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر.

:79

ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ.

:80

ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

:81

(ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟

:82

(سىلەر ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا (رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟

:83

جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر[83ـ84].

:84

:85

بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر).

:86

ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار[86ـ87].

:87

:88

ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ[88ـ89].

:89

:90

ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ. [90ـ91]

:91

:92

ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ[92ـ93].

:93

:94

جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ.

:95

شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر.

:96

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن.