بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

15 - The Rocky Tract - Al-Ĥijr

:1

ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.

:2

كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ.

:3

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ.

:4

بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ.

:5

ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.

:6

ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن.

:7

ئەگەر سەن (مەن رەسۇلۇللاھ دېگەن سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، (پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟»

:8

پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىلا) نازىل قىلىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئازابى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ).

:9

قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز.

:10

شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق.

:11

ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى.

:12

شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز.

:13

ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغان (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان) ئىش.

:14

بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ)،

:15

ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ.

:16

بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق.

:17

ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق.

:18

لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ).

:19

يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.

:20

يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز).

:21

قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز.

:22

بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر.

:23

بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز.

:24

بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز.

:25

پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

:26

شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق.

:27

جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق.

:28

پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى يارىتىمەن.

:29

مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار) ».

:30

پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى.

:31

پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى.

:32

ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى.

:33

ئىبلىس: «قارا لايدىن ياساپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس» دېدى.

:34

ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ.

:35

ساڭا قىيامەت كۈنىگۈچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن».

:36

ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گۈچە مۆھلەت بەرگىن (مېنى ھايات قالدۇرغىن)» دېدى.

:37

ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[37ـ38].

:38

ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[37ـ38].

:39

ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن.

:40

ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)».

:41

ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ (تاللانغان بەندىلەرنىڭ يولى) مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر.

:42

مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)».

:43

شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلار (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) نىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر.

:44

جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك (ئادەم) بار.

:45

تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ ـ بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

:46

(ئۇلارغا) جەننەتكە ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ.

:47

ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.

:48

جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ.

:49

(ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ (مۆمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن.

:50

مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر.

:51

ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدىكى (ھېكايىنى) ئېيتىپ بەرگىن.

:52

ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى.

:53

ئۇلار: « قورقمىغىن، (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، ھەقىقەتەن ساڭا (ئۆسۈپ چوڭ بولغىنىدا) ناھايىتى بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل (يەنى ئىسھاق) بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز» دېدى.

:54

ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا (بالا بىلەن) خۇشخەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇشخەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى.

:55

ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇشخەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى.

:56

ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى.

:57

ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى.

:58

ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋم (نى جازالاش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق.

:59

پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىز ئۇلار (يەنى لۇتنىڭ تەۋەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر) نىڭ ھەممىسىنى (ئازابتىن) چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز.

:60

پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق».

:61

ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا،

:62

لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى.

:63

ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس (بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ) شەكلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق.

:64

بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە (سۆزىمىزدە) راستچىلمىز.

:65

كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار».

:66

سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق.

:67

(سەدۇم) شەھرىنىڭ ئاھالىسى (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) خۇشال بولۇشۇپ يېتىپ كېلىشتى.

:68

لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار.

:69

ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار».

:70

ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى.

:71

لۇت: «بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم (يەنى قەۋمىمنىڭ قىزلىرى) دۇر. ئەگەر (چېقىلماقچى) بولساڭلار (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى.

:72

(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.

:73

كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى.

:74

بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق.

:75

ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

:76

ئۇ شەھەر (قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان) يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا.

:77

بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار.

:78

ئەيكەلىكلەر (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى (يەنى كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلار ئىدى).

:79

(شۇئەيبنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى بۇ ئىككى شەھەر) نىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر (ئى مەككە ئاھالىسى! ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟).

:80

ھىجرىلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىدۇر).

:81

ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق (يەنى تاشتىن چىشى تۆگە چىقىرىشتەك قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئۇلارغا كۆرسەتتۇق)، ئۇلار بۇ (مۆجىزە) لەردىن يۈز ئۆرۈدى.

:82

ئۇلار (ئازابتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ (بۇ بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ دەپ) ئۆي سالاتتى.

:83

لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

:84

ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالغان بىنالىرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى).

:85

بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن.

:86

پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

:87

(نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق.

:88

بەزى كاپىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار (نىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن.

:89

«مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن.

:90

پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك (ساڭا سۈرە فاتىھە بىلەن ئۇلۇغ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق).

:91

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى).

:92

پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93].

:93

پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93].

:94

ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن.

:95

سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز.

:96

ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ.

:97

: بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.

:98

پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن.

:99

سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن.