109 - The Disbelievers - Al-Kāfirūn
:1
(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!
:2
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن.
:3
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر.
:4
سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق.
:5
سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق.
:6
سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن».