بارلىق ئىسلام كۇتۇپخانىسى

101 - The Calamity - Al-Qāri`ah

:1

قىيامەت،

:2

قىيامەت نېمىدۇر.

:3

قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

:4

شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ.

:5

تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ.

:6

تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ[6ـ7].

:7

:8

تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ[8ـ9].

:9

:10

ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟

:11

ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر.